جەنۇبىي ئافرىقادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 3 كىشى قازا قىلدى
جەنۇبىي ئافرىقانىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدە بىر كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 3 كىشى قازا قىلدى.
1932966
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «SABC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جوھاننىسبۇرگ شەھىرىنىڭ ناسرېك رايونىدا بىر كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن 3 كىشى قازا قىلغان.
ئالاقىدار مەسئۇللار ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.