ئامېرىكادا «بوران – چاپقۇن» ئاپىتىدە 6 كىشى ئۆلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن «بوران – چاپقۇن» ئاپىتىدە 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1932154
ئامېرىكادا «بوران – چاپقۇن» ئاپىتىدە 6 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئالاباما ئىشتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن «بوران – چاپقۇن» ئاپىتى ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.

ئالاباما ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى كەي ئىۋېي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىشتاتىمىزغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن <بوران – چاپقۇن> ئاپىتىدە 6 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.»

ئۇ «بوران – چاپقۇن» ئاپىتىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىر قىسىم رايونلاردا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، قارا يامغۇر ۋە «بوران – چاپقۇن» ئاپەتلىرى، جورجيا، مىسسىسىپى ۋە ئالاباما ئىشتاتلىرىدىكى ئۆيلەرگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن، نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى توكسىز قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر