خىتايغا ئىستانبۇلدىن تۇنجى ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى باشلانغاندىن كېيىن 2020 – يىلى مارتتا يولغا قويۇشقا باشلىغان چېگرا ئېغىزلىرىدىكى كونتىرول تەدبىرلىرىنى بىكار قىلغان خىتايغا، ئىستانبۇلدىن تۇنجى ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

1930499
خىتايغا ئىستانبۇلدىن تۇنجى ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تۇنجى خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپىرى خىتاي ئايرودۇرۇملىرىغا قارىتا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركىيەدىنمۇ تۇنجى ئايروپىلان سەپىرى باشلاندى.

خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى (China Southern Airlines) «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن كېيىن، 240 يولۇچىسى بىلەن ئىستانبۇلدىن گۇاڭجۇ شەھىرىگە تۇنجى ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

IGA (ئىستانبۇل چوڭ ئايرودۇرۇمى) ئاۋىياتسىيە تەرەققىيات ئىشلىرى دىرېكتورى ماجىد خان  تۇنجى ئايروپىلان سەپىرى  مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، ۋۇخەندىن كېيىن، گۇاڭجۇغىمۇ ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم بولغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلان سەپىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا خىتاي يولۇچىلارغا قىلىنىدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. خىتايچە سۆزلەيدىغان خىزمەتچىلەردىن تارتىپ خىتايچە چۈشەندۈرۈشكىچە ھەممە مۇلازىمەت تولۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر