شىۋىتسارىيە ئىراندا نامايىشچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

شىۋىتسارىيە ئىراندىكى نامايىشتا كېراج شەھىرىدە «بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن»  دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇھەممەد مەھدى كەرەمى ۋە سەيىد مۇھەممەد ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1929470
شىۋىتسارىيە ئىراندا نامايىشچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كاتىپى باش ئەلچى لىۋىيا لېۋ تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «شىۋىتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇھەممەد مەھدى كەرەمى ۋە سەيىد مۇھەممەد ھۈسەيىننىڭ ئىراندىكى نامايىش بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېيىلدى.

باش ئەلچى لىۋىيا لېۋ ھەممىلا يەردە ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىراننىڭ دۆلەتتىكى نامايىشقا زوراۋانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئىراندىكى نامايىشتا كېراج شەھىرىدە «بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇھەممەد مەھدى كەرەمى ۋە سەيىد مۇھەممەد ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈم جازاسى تۈنۈگۈن ئىجرا قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر