كولۇمبىيەدە بىر ئايروپىلاننىڭ قونۇش سىستېمىسى ئىچىدىن ئىككى جەسەت تېپىلدى

كولۇمبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتادىكى ئېل دورادو ئايرودورۇمىدا ئايروپىلاننىڭ قونۇش سىستېمىسى ئىچىدىن ئىككى جەسەت تېپىلدى.

1929456
كولۇمبىيەدە بىر ئايروپىلاننىڭ قونۇش سىستېمىسى ئىچىدىن ئىككى جەسەت تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېل دورادو ئايرودورۇمىدا رېمونت خىزمىتى جەريانىدا ئاۋىنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ قونۇش سىسىتېمىسى ئىچىدە ئىككى جەسەت تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاۋىنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مەسئۇللىرىنىڭ باياناتىدا، «ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى تۈنۈگۈن بوگوتادىكى ئېل دورادو ئايرودورۇمىغا كەلگەندە، ئايروپىلاننىڭ قونۇش سىستېمىسى ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنى ئۇچراتتى. قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا بولسا، ئايروپىلاندىكى 15 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغان ئىككى ئافرىقىلىقنىڭ جەسىتىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 27 - دېكابىر رېمۇنت مۇلازىمىتىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى ھەمدە  جەسەتلەرنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ۋە بىر جەسەتتە كۆيۈك ئىزلىرى بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر