ب د ت تالىبان دائىرىلىرىدىن قىزلار مائارىپىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇئاۋىن ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە ب د ت نىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماركۇس تالىبان دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1929499
ب د ت تالىبان دائىرىلىرىدىن قىزلار مائارىپىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى مۇئاۋىن ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە ب د ت نىڭ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماركۇس پوتزېل تالىبان دائىرىلىرىدىن قىزلارنىڭ مائارىپى ۋە ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پوتزېل ئافغانىستاندىكى ئۇچرىشىشىرى دائىرىسدە، تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مائارىپ مىنىستىرى نىدا مۇھەممەد نەدىم بىلەن كۆرۈشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافغانىستان بۆلۈمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پوتزېلنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا مەزكۇر ساھەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ دەرھال بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئافغانىستان يېڭى كرىزىس باسقۇچىغا قەدەم قويماقتا. تالىباننىڭ ئاياللار مائارىپى ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرىدا خىزمەت قىلىشىنى چەكلىشى بارلىق ئافغانىستانلىقلارغا زىيان سالىدۇ» دېيىلدى.

تالىبان ھۆكۈمىتى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا قىزلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇشىنى شۇنداقلا ئاياللارنىڭ يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارى چىقارغان ئىدى.

تالىباننىڭ بۇ قەدىمى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە زور نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى.

ئاياللارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىشى، ئافغانىستان خەلقىگە ياردەملەرنى يەتكۈزۈش  جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر