ئامېرىكا ئىرانلىق 7 شەخسنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىرانلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى لايىھىلىگۈچىسى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىسى بىلەن ئىران ئاۋىياتسىيە  ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى تەشكىلاتىدا مەسئۇل سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 7 شەخسنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

1929291
ئامېرىكا ئىرانلىق 7 شەخسنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاكىمىيىتى، ئىراننىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەمىنلىشىگە تېھرانغا ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىران دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى قۇددۇس ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى، ھەمدە ئىران باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى نازارەت قىلىشقىمۇ مەسئۇل ئىران ئاۋىياتسىيە  ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى تەشكىلاتىدا مەسئۇل سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 7 شەخس <ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى>  گە كىرگۈزۈلدى. بۇ، <شاھىد> ۋە <مۇھاجىر> ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيەگە بېرىلىشىگە قارىتا سېنتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا چىقىرىلغان ئېمبارگو قارارلىرىنىڭ داۋامىدۇر. ئىران ھاكىمىيىتى، رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقىسىز رۇسىيەنى  ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231-نومۇرلۇق قارارىغىمۇ خىلاپلىق قىلدى.»

«ئىران ھازىر رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي قوللىغۇچىسىغا ئايلاندى. ئىران رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى سەۋەبسىز ئۇرۇشىنى قوللاشنى توختىتىشى كېرەك. بىز بۇ (ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى) نى يۆتكەشنى توختىتىش ۋە كېچىكتۈرۈش، ھەمدە بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان شەخسلەرگە بەدەل تۆلەتكۈزۈش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر