ب د ت تەرەپلەرنى قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس قىبرىستا نەچچە ئو يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئۈچۈن تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

1929036
ب د ت تەرەپلەرنى قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېس، قىبرىس ئارىلىدا رۇملار بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپقا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا، كاپالەتچى دۆلەتلەر تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگىلىيەنى، قىبرىس ئارىلىدا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىختىلاپنى ھەل قىلىش يولىدىكى دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى قوللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «قىبرىس مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كونكېرت سۆھبەتنىڭ داۋاملىشالماسلىقى، ئىجتىمائىي - ئىقتىساد ۋە سىياسىي مۇھىت نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، قىبرىس تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئورتاق چىقىش يولى تېخىچە تېپىلغىنى يوق. قىبرىس مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىش ۋە ھەممە ئۈچۈن تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىش ھەم ئۆزئارا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر چىقىش يولىنى تېپىش ئۈچۈن، داۋاملىق ۋە ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر