پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى 40 يىللىق ئاسارىتى ئاخىرلاشتى

ئۆمرىنىڭ 40 يىلىنى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىك كەرىم يۇنۇس قويۇپ بېرىلدى.

1928501
پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ ئىسرائىلىيە تۈرمىسىدىكى 40 يىللىق ئاسارىتى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن مەھبۇسلار جەمئىيىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جازا مۇددىتىنى تاماملىغان يۇنۇسنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، پەلەستىنلىك كەرىم يۇنۇسنىڭ 1983 -يىلى 6-يانۋار ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ مۇددىتىنى 40 يىل دەپ بېكىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

1956 – يىلى 12 – ئايدا دۇنياغا كەلگەن كەرىم يۇنۇسنىڭ، 27 يېشىدا قامالغان تۈرمىدىن 67 يېشىدا  چىققانلىقى، ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن ئىلگىرى نۆۋەتتە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس باشچىلىق قىلىۋاتقان فەتھ ھەرىكىتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر