ب د ت: يەمەندە 61 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان يەمەندە ئالدىنقى يىلى تەخمىنەن 61 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1928529
ب د ت: يەمەندە 61 مىڭ كىشى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى يەمەن ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، يەمەندە 2022-يىلى 1-يانۋاردىن 31-دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 10 مىڭ 135 ئائىلە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە دۆلەت مىقياسىدا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار سانى 60 مىڭ 810 غا يەتكەن. ئەڭ كۆپ كۆچۈش مەغرىب، زامار، تائىز، ھۇدەيدە ۋە ئەبيەن شەھەرلىرىدە كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر