ئىسرائىلىيە ئىرانغا قىلىنغۇسى ھۇجۇم ئۈچۈن خامچوتنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىرانغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغۇسى ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خامچوتىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1926995
ئىسرائىلىيە ئىرانغا قىلىنغۇسى ھۇجۇم ئۈچۈن خامچوتنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (KAN) نىڭ، ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىخەتەرلىك مەنبەسىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 2023-ۋە 2024-يىللىرى ئۈچۈن خامچوتىنى 10 مىليارد شېكېل (2 مىليارد 800 مىليون دوللار) كۆپەيتىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ ھازىرقى خامچوتنىڭ% 12 ئېشىشىغا توغرا كېلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ يېڭى قۇرغان ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانلىرى ئارىسىدا، ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ بار ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى، ئىسرائىلىيەلىك كۆپ ساندىكى دائىرىلەر، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئىران يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى ھۇجۇمغا تەييارلىق كۆرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر