ئىراندا 19 ياشلىق يەنە بىر نامايىشچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئىراندا نەچچە ئايغىچە داۋاملاشقان نامايىشتا «بىر ساقچىنى يارىدار قىلغان ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ئوت قويغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن يەنە بىر نامايىشچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1927205
ئىراندا 19 ياشلىق يەنە بىر نامايىشچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئەدلىيە ئورگىنىغا قاراشلىق مىزان خەۋەر ئاگېنتلىقى 19 ياشلىق مۇھەممەد بۇرۇگاغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئالىي سوتنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە پايتەخت تېھراندىكى نامايىشتا قولغا ئېلىنغان بۇرۇگانىنىڭ «ئۆلتۈرۈش نىيىتى بىلەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە زەخىملەندۈرۈش»، «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش»، «قورقۇنچ ۋە خەپسىزلىك يېيىش» «ھۆكۈمەت بىناسىغا ئوت قويۇش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن 29 - ئۆكتەبىردە ئىنقىلابىي سوت مەھكىمىسىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇرۇگانىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنىڭ كېيىن ئالىي سوت تەرىپىدىنمۇ تەستىقلانغانلىقى ۋە بۇ دېلودا يېڭى بىر قارار ئېلىنمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇرۇگانىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئالىي سوت تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

تېھراندا 13 – سىنتەبىردە ئەخلاق ساقچىسلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان  22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ 16 – سىنتەبىردە ساجچىخانىدا قازا قىلىشى، ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.  

ئىراندا 110 كۈن داۋام قىلغان ماھسا ئەمىنى نامايىشىغا چېتىشلىق ھازىرغىچە كەم دېگەندە 11 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۇلاردىن 2 نەپىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر