كامپالادا يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتى قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن 10 كىشى قازا قىلدى

ئۇگاندانىڭ پايتەختى كامپالادا يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن قىستى – قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن 10 كىشى قازا قىلدى.

1926614
كامپالادا يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتى قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن 10 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامپالا ساقچى ئىدارىسى باشلىقى لۇك ئوۋېيسىگىيېر بىر سودا سارايدا  ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيىتى دائىرىدىسىكى مۇزىكا كېچىلىكىدە رىياسەتچىنىڭ قاتناشقۇچىلارنى سىرتتىكى ئېتىلغاق مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى،   قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېتىلغاق مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە ئاتلىنىشى بىلەن  قىستى – قىستاڭچىلىك يۈز بېرىپ،  5 كىشىنىڭ نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

لۇك ئوۋېيسىگىيېر يارىلانغانلاردىن يەنە 5 كىشىنىڭ بولسا دوختۇرخانىدا  قازا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، پائالىيەتتە سەۋەنلىك بار ياكى يوقلۇقى تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر