ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە تۈنۈگۈن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ئەزاسى بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1926195
ئىراننىڭ ئىسفاھان شەھىرىدە بىر ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «IRNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسفاھان ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىم قوماندانى مۇرتازا ئامۇمەھدى ۋەقەگە دائىر مەلۇمات بەرگەن.

مۇرتازا ئامۇمەھدى، «سەمىرۇم ناھىيەسىدە تۈنۈگۈن كەچتە قوزغالغان ئىسياندا ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت  قىلىش ئارمىيەسى ئەزاسى مۇھسىن رىزائى قورال بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن.

ئىران قوماندانى مۇرتازا ئامۇمەھدى تۈنۈگۈن ناھىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ناھىيەدىكى  بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پايتەخت تېھراندا 13 – سىنتەبىردە ئەخلاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ساقچىخانىدا  16 - سېنتەبىردە ھاياتىدىن ئايرىلغان 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ ئۆلۈمى، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيە قوماندانى بىرىگادا كوماندىرى ئەمىر ئەلى ھاجىزادە 29 – نويابىردا ئىراندا تەخمىنەن 3 ئاي داۋاملاشقان نامايىشلاردا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتىقان ئىدى.

ئىران بىخەتەرلىك كېڭىشى 3 - دېكابىردا قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 200 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئىران كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 27 - دېكابىردا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئەمىنىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن باشلانغان كوچا نامايىشلىرىغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قاتتىق ئارىلىشىشى سەۋەبىدىن 476 نامايىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىران تاراتقۇلىرىدا تارقالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نامايىش جەريانىدا 60 تىن ئارتۇق بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر