ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن تىگرايغا كىردى

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت قوزغىلاڭچىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ دۈشمەنلىشىشكە خاتىمە بەرگەن تېگراينىڭ پايتەختى مېكېلېغا تۇنجى قېتىم قەدەم باستى.

1925819
ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن تىگرايغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئېفىيوپىيە فېدېراتسىيە ساقچىلىرى ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن فېدېراتسىيە مال-مۈلۈكنى قوغداش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مېكېلېغا كىردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى ئوتتۇرىسىدىكى ئون مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى ئۇرۇش، ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئايدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، تېلېفون، تور ۋە بانكا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن رايوندا تۇرمۇش نورمال ئىزىغا چۈشۈشكە باشلىدى.

ئەددىس ئەبېبە ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك تىگراي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىلىرى قايتا تەكىتلىدى.

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى بىلەن تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتىنىڭ 2020-يىلى نويابىردا باشلانغان توقۇنۇشى، نەچچە ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر