ئاۋستىرىيەدىكى قار تىيىلىش مەركىزىدە گېرمانىيەلىك ياشلار جېنىدىن ئايرىلدى

ئاۋستىرىيەنىڭ تىغول ئىشتاتىنىڭ كىتزبۈئېل رايونىغا قاراشلىق ۋايدغىيىن بازىرىدىكى قار تىيىلىش مەركىزىدە يارىلانغان ئىككى گېرمانىيەلىك ساياھەتچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1925018
ئاۋستىرىيەدىكى قار تىيىلىش مەركىزىدە گېرمانىيەلىك ياشلار جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە ساقچى ئىدارىسى ئىككى گېرمانىيەلىك ساياھەتچىنىڭ قار تىيىلىش مەركىزىدە جېنىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، يۇقىرى سۈرئەتتە قار تىيىلغان 17 ياشلىق ئىككى گېرمانىيەلىك ياشنىڭ، كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇپ، قار تىيىلىش يولىنىڭ سىرتىدىكى تاشلىققا چۈشۈپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، قار تىيىلىش يولىدىن تەخمىنەن 50 مېتىر تۆۋەندىكى تاشلىق جايغا چۈشۈپ كەتكەن گېرمانىيەلىك ياشلارنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن سەھىيە خادىملىرى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

گېرمانىيەلىك ياشلارنىڭ قىشلىق تەتىلدە گېرمانىيەدىن ئاۋستىرىيەگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر