ھىندىستاندا بىر يىغىلىشتا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا 7 ئادەم قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ ئاندرا پرادېش ئۆلكىسىدە بىر سىياسىي پارتىيە تەشكىللىگەن يىغىلىشتا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1925389
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاندرا پرادېش ئۆلكىسىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نارا چاندرابابۇ رەھبەرلىكىدىكى تېلۇگۇ دېسام پارتىيەسى تەشكىللىگەن يىغىلىشتا قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەن.
قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن 7 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، بىرقانچە كىشى يارىلانغان.
ۋەقەدىن كېيىن، نەق مەيدانغا كۆپ ساندا سەھىيە ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن، يارىدارلارنى داۋالاش خىزمىتى باشلانغان.
تېلۇگۇ دېسام پارتىيەسى، قىستاڭچىلىقتا جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.