گېرمانىيەدە پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى

گېرمانىيەنىڭ دورتموند شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىقى ۋە ئەتراپتىكى تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبلىك بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى.

1925060
گېرمانىيەدە پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  پ ك ك نىڭ 320 قوللىغۇچىسى قاتناشقان نامايىشتىن كېيىن، نامايىشچىلاردىن 25 – 20 كىشى ئەتراپتىكىلەر بىلەن جېدەللەشكەن، ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ۋەقە چوڭىيىپ كەتمەستىن بېسىقتۇرۇلغان.

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلەردە تارقالغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن بىلىنىدىغان بولۇپ، تىنچلىقنى بۇزۇش ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشلىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغان، شاھىتلارنىڭ ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلەردە، بىر گۇرۇپپا پ ك ك قوللىغۇچىسىنىڭ قوللىرىدىكى بايراق دەستىلىرى بىلەن بىر ياكى بىرقانچە كىشىگە ھۇجۇم قىلغان ۋە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان كۆرۈنۈشلەر ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر