ماسك ئىرانلىقلار ئۈچۈن تەخمىنەن 100 دانە ستارلىنك تېرمىنالىنى ئاكتىپلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى
ئالەم بوشلۇقى چارلاش تېخنىكىسى شىركىتى — SpaceX نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك، ئىراندا تەخمىنەن 100 دانە «ستارلىنك» سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت تېرمىنالىنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماسك سېنتەبىر ئېيىدا بايانات بېرىپ، ئىراندىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تورغا چىقىش چەكلىمىسىگە قارشى ئىرانلىقلارنى سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى.
ماسك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئىراندا 100 گە يېقىن «ستارلىنك» نىڭ ئاللىبۇرۇن مەشغۇلات باشلىۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ستارلىنك، يەرشارىدىن نەچچە يۈز كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ، 2000 دىن ئارتۇق كىچىك سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنى ئىنتېرنېت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئېلون ماسك بۇ يىلنىڭ بېشىدا (2022) رۇسىيە ئۇرۇش ئاچقان ئۇكرائىنادىكى ستارلىنك تېرمىنالىنى قوزغاتقان بولۇپ، ئۇكرائىنالىقلار ئۇنى «قەھرىمان» دەپ ئېلان قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.