جەنۇبىي ئافرىقادا يۈز بەرگەن ماي توشۇش ئاپتوموبىلى پارتلاش ۋەقەسىدە 10 كىشى قازا قىلدى

جەنۇبىي ئافرىقانىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدە بىر ماي توشۇغۇچى ئاپتوموبىل پارتلاپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى.

1923243
جەنۇبىي ئافرىقادا يۈز بەرگەن ماي توشۇش ئاپتوموبىلى پارتلاش ۋەقەسىدە 10 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «SABC» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جوھاننىسبۇرگنىڭ بوكسبۇرگ رايونىدا كۆۋرۈك ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ماي توشوغۇچى ئاپتوموبىل سۈركىلىش سەۋەبىدىن پارتلاپ كەتكەن.

ۋەقەدە ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلغان، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

پارتىلاشنىڭ كۈچى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانامۇ زىيانغا ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر