ماراكەشتا بۇ يىل 32 مىڭدىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

ماراكەشتە بۇ يىل قانۇنسىز يوللار بىلەن ئاقدېڭىز ئارقىلىق ياۋروپاغا كەتمەكچى بولغان 32 مىڭدىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن تۇتۇلدى.

1923135
ماراكەشتا بۇ يىل 32 مىڭدىن ئارتۇق تەرتىپسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش دۆلەت بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ، 2022-يىللىق قانۇنسىز كۆچمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا،  دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە 32 مىڭ 733 قانۇنسىز كۆچمەننى تۇتقان.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر داۋامىدا تۇتۇلغان بۇ كىشىلەردىن، 28 مىڭ 146 ى چەتئەل پۇقراسى بولۇپ، قانۇنسىز كۆچمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، 92 كۆچمەن ئەسكەسچىلىكى گۇرۇھى تارمار قىلىنغان، 566 گۇرۇھ ئەزاسى تۇتۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر