خىتايدا 1995 كىشى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

خىتاي سەھىيە كومىتېتى بۇ دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 77 سى چەت ئەلدىن كەلگەنلەر بولۇپ، 1995 كىشىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1921159
خىتايدا 1995 كىشى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بېيجىڭدىكى ئۆلۈم ھادىسىسى، خىتاينىڭ 7-دېكابىر كۈنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن كېيىن كۆرۈلدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تەدبىرلەرنىڭ يېنىكلىشىگە ئەگىشىپ، ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىگە قارىماي، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قازا قىلغۇچىلار سانىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلمەسلىكى، يېڭى ئۇسۇلدا تەكشۈرتۈش مەجبۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن تەكشۈرتۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلار، جەسەتخانىلار ۋە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىدا پائالىيەتلەر كۆپىيىپ كەتكەن، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرى،  دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتلىرىدا، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە يۇقۇمنى قوغداش ۋە كونترول قىلىش مېخانىزمى 7-دېكابىر كۈنى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەدبىرلىرىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئۇقتۇرۇشتا، ئۆي ۋە ئىش ئورۇنلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تاقاش، مەركەزلىك كارانتىن ئاستىغا كىرىش، ئاممىۋى تەكشۈرتۈش ۋە ساياھەت چەكلىمىسىدىن ۋاز كېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر