رۇسىيە كىيېۋنىڭ ئۈچ رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
![رۇسىيە كىيېۋنىڭ ئۈچ رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b3dd/3d70/6143/639c470696c20.jpg?time=1718447351)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو تېلېگرامما ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، رۇسىيەنىڭ كىيېۋنىڭ دېسنىيانسكىي، دنىپروۋىسكىي ۋە خولوسىيېۋىسكىي رايونلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
كلىچكو ئاممىنى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن چىقماسلىققا چاقىرىپ: «بارلىق لىنىيەلەردىكى مېترو ۋاقىتلىق توختىتىلدى. يەر ئاستى بېكەتلەر پاناھلىنىش ئورنى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇشى داۋاملاشماقتا، پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار» دېدى.
كلىچكو، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولغاچقا، پايتەختنىڭ ھەممە جايلىرىدا سۇ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/88fc/55f6/1436/666d338a35568.jpg?time=1718447352)
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.