كابۇلدا خىتايلار چۈشكەن مېھمانساراي ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا خىتايلار چۈشكەن بىر مېھمانسارايغا قوراللىق ۋە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىندى.

1917960
كابۇلدا خىتايلار چۈشكەن مېھمانساراي ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
kabil patlama.PNG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، كابۇلنىڭ شەھرى نەۋ رايونىغا جايلاشقان بىر مېھمانسارايغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، مېھمانسارايدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى چەت ئەللىكنىڭ مېھمانساراينىڭ دېرىزىسىدىن سەكرەپ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى كۆرگۈچىلەر، ھۇجۇمچىلارنىڭ مېھمانساراينىڭ ئىچىگە كىرىپ، قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پارتلاش ۋە قورال ئاۋازى ئاڭلانغان رايونغا، نۇرغۇن تالىبان قوراللىق كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخس جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر