ئىتالىيەدىكى نامايىشتا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قارشى پىكىردىكى ئىككى نامايىشتا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى سولچىلارنىڭ ئوڭچىلارغا قاراپ يۈرۈش قىلغانلارنى كالتەك بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇندى ۋە نەتىجىدە توقۇنۇش يۈز بەردى.

1914714
ئىتالىيەدىكى نامايىشتا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئاشقۇن ئوڭچى ۋە رۇسىيەنى قوللايدىغان تەخمىنەن 300 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا كادورنا مەيدانىغا يىغىلىپ، ئۇكرائىناغا قورال ئەۋەتىشكە قارشى نارازىلىق بىلدۈردى. قوللىرىدا مەشئەل ۋە ئىتالىيە بايرىقى كۆتۈرۈشۈپ يۈرۈش قىلغان ئاشقۇن ئوڭچىلار «بىز ئۇرۇشقا قارشى بىرلەشتۇق» ۋە «رۇسىيە دۈشمەنلىكىگە ياق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى. ئاشقۇن ئوڭچىلار يۈرۈشى جەريانىدا مەشئەل يېقىپ، ئۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

شەھەرنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى بولغان دوموغا يېقىن كايرولى مەيدانىدا بولسا، 500 دىن ئارتۇق سولچى گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۇرۇش ۋە فاشىزمغا نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

سولچىلار ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن ئاشقۇن ئوڭچىلار نامايىش قىلىۋاتقان رايونغا قاراپ يۈرۈش قىلماقچى بولدى.  بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇلارنىڭ يۈرىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى.

ساقچىلار بىلەن سولچىلار ئوتتۇرىسىدا ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇلارنى كالتەك بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ئىتالىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە 1 ساقچى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر