سۈرىيەدە پ ك ك نىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەزىز ناھىيەسى مەركىزىگە قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1909791
سۈرىيەدە پ ك ك نىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى تەلرىفئەت ناھىيەسىدە ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 2019 – يىلى 22 – ئۆكتەبىر كۈنى ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن بوشىتىلغان تەلرىفئەت ناھىيەسىدىن، ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەزىز ناھىيەسى مەركىزىگە راكېتامىيوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا 3 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بەزىسى ئېغىر بولۇپ، 8 پۇقرا يارىلانغان. يارىدارلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئافرىندىن قوغلاپ چىقىرىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ، ناھىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تەلرىفئەت رايونىدا ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردەىن جەرابلۇس، ئافرىن ۋە ئەزىزدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرى ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر