شىۋېتسىيە پارلامېنتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى تەستىقلىدى

شىۋېتسىيە پارلامېنتى تەستىقلىغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قانۇنلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتقان ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن، 2023-يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

1907233
شىۋېتسىيە پارلامېنتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە پارلامېنتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى تەستىقلىدى. پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاۋاز بېرىشتە، 270 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ بېلەت تاشلىدى، 37 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلدى. سول ۋە يېشىللار پارتىيەسى قارشى تۇرغان ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىشىگە 42 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشمىدى.

ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندا، تېررورلۇققا چېتىلغان گۇرۇپپىلارنىڭ تەشكىللىنىش ۋە نامايىش قىلىش ئەركىنلىكلىرىگە چەكلىمە قويۇلىدۇ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ. شىۋېتسىيەنىڭ باشقا دۆلەت ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلار، شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تۆت يىللىق قاماق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلىدۇ.

شىۋېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن بىلەن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ ئەزالىرىغا جازا بېرىشنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش 2023-يىلى 1-يانۋار باشلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر