ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، 2024 - يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

1906921
ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شۇ يەر ۋاقتى 21.00 دە فىلورىدا ئىشىتاتىنىڭ پالما ساھىلىدىكى مار-ئا -لاگو سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ سۆزلىرىنى «ئامېرىكانىڭ قايتىپ كېلىشى ھازىر باشلىنىدۇ» دەپ باشلىغان ترامپ، ئۆزىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى ۋەزىپىسىنى ئامېرىكانى ئالتۇن دەۋرىگە تەييار قىلىپ قويۇپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە ئىقتىسادنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى، خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ تاشقى سىياسەتتە ئامېرىكانى، بولۇپمۇ ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «نمەن ەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇرۇش بولمىغان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن تۇنجى پىرېزىدېنت. دۇنيا تىنچ ئىدى. ئامېرىكا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، دۆلىتىمىز پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ يول ئالغانىدى. چۈنكى مەن ئامېرىكا خەلقىگە چوڭ ۋەدىلەرنى بەردىم، باشقا پرېزىدېنتلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىم، مەن ۋەدەمدە تۇردۇم. بىزنىڭ رەھبەرلىكىمىزدە بىز ئۇلۇغ ۋە شانلىق خەلق ئىدۇق. بۇ سىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئىش ئىدى» دېدى.

ترامپ، جو بايدىن رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكانىڭ چېكىنىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «مىليونلىغان ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن، جو بايدىن دەۋرىدىكى يېقىنقى ئىككى يىل ئازاب، جاپا، تەشۋىش ۋە ئۈمىدسىزلىك دەۋرى بولدى. ئامېرىكا كەمسىتىلدى، نومۇس قىلدۇرۇلدى، ئاجىزلاشتۇرۇلدى» دېدى.

«ئەگەر مەن پىرېزىدېنت بولغان بولسام، ئۇكرائىنا (كىرىزىس) ھەرگىز يۈز بەرمىگەن بولاتتى» دېگەن تىرامپ، بايدىننىڭ تاشقى سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىۋالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ۋە بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكا چۈشىنى قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ترامپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكانى قايتىدىن چوڭ ۋە شان-شەرەپلىك ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، مەن بۈگۈن ئاخشام ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا نامزات ئىكەنلىكىمنى جاكارلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر