گ7 دۆلەتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

گ7 دۆلەتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى شەھەرلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1906933
گ7 دۆلەتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە ۋە ئىسپانىيە رەھبەرلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن شۇنداقلا ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن گ20 دۆلەتلىرى گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

يىغىن ئاخىرىدا گ7 رەھبەرلىرى ۋە ناتوغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە ۋە پۇقراۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرگە قاراتقان ۋەھشىيانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، رەھبەرلەرنىڭ پولشانىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، پولشانىڭ بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشىگە ياردەم تەكلىپى بەرگەنلىكى، تەكشۈرۈشكە ئەگىشىپ، پولشا بىلەن قويۇق ئالاقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە، ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، پولشادىكى پارتلاشتا جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى كىشىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۇچۇرىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر