ب د ت ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن ئەتە شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدە رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

1904859
ب د ت ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان ترېمبلاي، ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات كونفېرانسىنىڭ باش كاتىپى رېبېكا گرېنسپان ۋە ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل  مۇئاۋىن باش كاتىپى مارتىن گىرىفىتىسنىڭ، 19- نويابىر كۈنى مۇددىتى توشىدىغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرۇلۇق رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەرەپلەرنى، كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، پاراخوتلارنىڭ بىخەتەر ۋە توسالغۇسىز ھالدا دەل ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلىشىنى قۇلايلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، ياخشى نىيەت بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرىمىز. دەرۋەقە، ئاشلىق كارىدورى ھالقىلىق تەمىنلەش لىنىيەسى بولۇپ، ئېھتىياجلىق ئەللەرگە يەتكۈزۈش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئۇكرائىنادىن 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق ئېكىسپورت قىلىنغان.

يەر شارىۋى ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاشلىق يۆتكەش كېلىشىمى، 22 – ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، ئۇكرائىنا، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ، ئۇكرائىنادىن يۆتكىلىۋاتقان ئاشلىقنىڭ نامرات دۆلەتلەرگە كەتمەيۋاتقانلىقى ۋە رۇسىيە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورت قىلىنمايۋاتقانلىقىغا دائىر باياناتلىرى،  120 كۈنلۈك كېلىشىمنىڭ كېلەچىكىنى تالاش – تارتىشلىق ھالغا كەلتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر