شىمالىي كورېيە گۇتېررېسنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە «ناھەق ۋە بىر تەرەپلىمە» دەپ باھا بەردى

شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قارشى «مۇداپىئە مەقسەتلىك» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1903731
شىمالىي كورېيە گۇتېررېسنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە «ناھەق ۋە بىر تەرەپلىمە» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى، شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم سون گيوڭنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە گۇتېررېسنىڭ تەنقىدىگە «ناھەق ۋە بىر تەرەپلىمە» دەپ باھا بېرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارشى «مۇداپىئەلىنىش»نى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گۇتېررېس، 4-نويابىر شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشلىرىنى ئەيىبلەپ، پيوڭياڭنى تېخىمۇ كۆپ ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كىم سون گيوڭ دۆلىتىنىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلىپ، «كەلگۈسىدىمۇ بۇنداق قىلىش پىلانى يوق»لۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا زەمبىرەك ئوقى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پيوڭياڭ، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئالتە كۈن داۋاملاشقان ھەربىي مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 2 – نويابىردىن 5 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 80 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن ھاۋا ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا، پيوڭياڭنىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق تەييارلىقلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر