رۇسىيەدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ كوستروما شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 13 ئادەم قازا قىلدى.

1902581
رۇسىيەدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ رايون ئەمەلدارلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كوستروما شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا يېرىم كېچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەسلەپكى ئېنىقلاشقا ئاساسلانغاندا، ئاپەتتە 13 ئادەم قازا قىلغان.

مىلتىق ئېتىش ياكى ئۇچقۇن چىقىرىش سەۋەبىدىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان ئوت ئاپىتىنىڭ تەخمىنەن 3500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى رايونغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، ئوتنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندە تىزگىنلەنگەنلىكى قەي تقىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتى جەريانىدا بىنادىكى 250 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان.

ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقان تەپتىش مەھكىمىسى خادىملىرى، ۋەقەگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر