G7 دۆلەت گۇرۇھى ئۇكرائىناغا قىشلىق ياردەم قىلىدۇ

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ياپونىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىن تەركىپ تاپقان G7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۇكرائىناغا قىش پەسىللىك ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1902311
G7 دۆلەت گۇرۇھى ئۇكرائىناغا قىشلىق ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك (Annalena Baerbock) G7 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ مۈنستېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ: «G7 دۆلەت گۇرۇھىدىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن ئۇكرائىناغا قىش پەسىللىك ياردەم قىلىمىز» دېدى.

ئۇ باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ ياردەمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قىشلىق ياردەم خەلقئارالىق قانۇننى دەپسەندە قىلىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى پارچىلاش ئىستراتېگىيەسىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايمىز. خەلقئارالىق بىر پۈتۈنلۈكنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشنى قوبۇل قىلمايمىز» دېدى.

ئۇ پۇتىننى ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، تېخىمۇ ئىنسانىيلىققا يات ھالغا چۈشتى دەپ ئەيىبلەپ، G7 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ سوغۇقتىن ياكى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر