شولز دۆلىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئېلان قىلدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز 4 - نويابىر خىتايغا قارىتىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدىن ئىلگىرى، دۆلىتىنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتىنى ئېلان قىلدى.

1901815
شولز دۆلىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئېلان قىلدى
almanya-çin gerilimi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز «فىرانكفورت ئاللېگېمېين زېيىتوڭ» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئۇ ماقالىسدە: «خىتاي ئون يىل ئىلگىرىكى خىتاي ئەمەس. خىتاي ئۆزگەرسە، ئېنىقكى، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزمۇ ئۆزگىرىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلەردە «قىيىن مەسىلىلەر» نى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ پۇقراۋى ۋە سىياسىي ئەركىنلىكلەرنى شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شولز تەيۋەن ئەتراپىدىكى جىددىيچىلىككە دائىر ئەندىشىسىنى تىلغا ئېلىپ: «ئامېرىكا ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، بىزمۇ <بىر خىتاي> سىياسىتىگە ئەمەل قىلىمىز. بۇ ھازىرقى ھالەتنىڭ پەقەت تىنچ ۋە ئۆزئارا قوشۇلۇش ئارقىلىقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئايرىلىش قارىشىغا قارشى  ئىكەنلىكىنى، ئەمما بىر تەرەپلىمە بېقىنىشنى ئازايتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئولاف شولز گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتى ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، شۇڭا زىيارەتتىن ئىلگىرى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپادىكى شېرىكلەر ۋە ناتودىكى دوستلار بىلەن قويۇق ئالاقىلەرنى ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر