ھىندىستاندا كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 90 غا يەتتى

ھىندىستاننىڭ گۇجارات ئۆلكىسىدە كۆۋرۈكنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈزلىگەن كىشى دەرياغا چۈشۈپ كەتتى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 90 غا يەتتى.

1899664
ھىندىستاندا كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 90 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى گۇجارات ئۆلكىسىگە قاراشلىق موربى يېزىسىدا، ئۈستىدە كەم دېگەندە 500 كىشى بار بولغان بىر ئاسما كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

ۋەقەدە كۆۋرۈكتىكى يۈزلىگەن كىشى ماچچۇ دەرياسىغا چۈشۈپ كەتتى ۋە ئۇلاردىن 90 كىشى قازا قىلدى.

گۇجارات ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئاشىش باتىيا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنكىنلىكى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر نارېندرا مودى تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدىن قاتتىق قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىدۇ. گۇجاراتتىكى پاجىئە مېنى ئەندىشىگە سالدى. ئويلىرىم ۋە دۇئالىرىم ۋەقەگە ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن بىللە» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

نارېندرا مودى ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىنلىرىغا تەخمىنەن 2430 دوللار ۋە يارىلانغانلارغا تەخمىنەن 600 دوللار ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر