چېخىيەدە بۇ قېتىم ئۇكرائىنانى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

چېخىيە پايتەختى پىراگادا مىڭلىغان نامايىشچىلار «دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى قوغداش ۋە ئۇكرائىنانى قوللاش» مەقسىتىدە پىيادە يۈرۈش قىلدى.

1899735
چېخىيەدە بۇ قېتىم ئۇكرائىنانى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە پايتەختى پىراگادا 3 كۈن ئىلگىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاش پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم ۋېنسلاس مەيدانىدا ئۇكرائىنانى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشتا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئايالى ئولېنا زېلېنسكا توردا نۇتۇق سۆزلىدى.

زېلېنسكا ئۇكرائىنانىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى «ئەڭ قاراڭغۇ دەۋر» نى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇرۇشتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا كۆز يۇمماسلىق كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

زېلېنسكا دۆلىتىگە كۆرسىتىلگەن قوللاشقا رەھمەت ئېيتىپ، رۇسىيەنىڭ (24 - فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان) ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چېخىيەدە ئۆرلەۋاتقان پۇل پاخاللىقى، تۇرمۇشنىڭ قىممەتچىلىكى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە 3 قېتىم مىڭلىغان نامايىشچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 پارتىيەدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىغا قارشى چىققان نامايىشچىلار، چېخىيەنىڭ ئۇرۇشتا بىتەرەپ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر