پۇتىن ئەردوغانغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۈچلۈك ۋە پۇختا رەھبەر. ئۇ تۈركىيە خەلقى، ئىقتىسادى ۋە تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.

1898876
پۇتىن ئەردوغانغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن خەلقئارا ۋالداي مۇنازىرە كۇلۇبىنىڭ يىللىق يىغىنىدا، رۇسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ «سىز ئىككى يىل ئىلگىرى ئەردوغان ھەققىدە ئىجابىي گەپلەرنى قىلغانىدىڭىز، پىكىرلىرىڭىزويلىرىڭىز ئۆزگەردىمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۈچلۈك ۋە پۇختا رەھبەر. ئۇ تۈركىيە خەلقى، ئىقتىسادى ۋە تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنى ئەردوغاننىڭ ئېنېرگىيە ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا مۇناسىۋەتلىك مەيدانى دەلىللەيدۇ» دېدى.

پۇتىن، موسكۋانىڭ تۈركىيەدە ياۋروپا ئىستېمالچىلىرى ئۈچۈن تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ تەكلىپنى «ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن قوبۇل قىلغانلىقى»نى ئېيتتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ساياھەت، قۇرۇلۇش ۋە دېھقانچىلىق ساھەلىرىدىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ماس ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «شۇڭا، ئەردوغان ئۆزىگە يۈك بولۇپ قېلىشىغا ۋە ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھەرىكەت قىلىنىشىغا يول قويمايدۇ. ئۇ بىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. دېمەك، تۈركىيە ۋە ئەردوغان ئادەتتىكى شېرىك ئەمەس. نۇرغۇن قارارلار ئۇزۇن ۋە ئاددىي بولمىغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە چىقىرىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارزۇسى بولغاچقا، بىز چۈشىنىشەلەيمىز. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەردوغان تۇراقلىق ۋە ئىشەنچلىك شېرىك. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى» دېدى.

پىرېزىدېنت پۇتىن، ئەردوغاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش جەريانىدا رۇسىيە ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەردوغان ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق دەپ قارىغان قارارلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. بىزمۇ مۇۋاپىق قارار چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بىز ھەتتا سۈرىيە، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەردىمۇ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالايمىز. ئەگەر مۇشەققەتلىك يوللارنى بېسىپ كېلىشىم ھاسىل قىلالىغان بولساق، بۇنىڭ تەتبىقلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز. مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە مۇقىملىقتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر