ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىققە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بەزى نۇقتىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1898406
ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىققە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسەد ھاكىمىيىتى خەۋەر ئاگېنتلىقى – سانا ھەربىي مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 00:30 دا دەمەشق ئەتراپىدىكى ھاكىمىيەت قىسىملىرىغا تەۋە بىر قىسىم ھەربىي ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى؛ خەۋەردە: «ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىمىز دۈشمەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى توراپ، بەزىلىرىنى ئېتىپ چۈشۈردى، ھۇجۇمدا پەقەت ماددىي زىيانلا كۆرۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پايتەخت دەمەشىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرى بىلەن ئىران ئىنقىلاب  مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى قوماندانلىقى ئاستىدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى، لىۋان ھىزبۇللاھى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم.

بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى، 22 – ۋە 24 – ئۆكتەبىردىمۇ ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دەمەشىققە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ئومۇمەن سۈرىيە زېمىنىغا قىلىنغان ھۇجۇملار توغرىسىدا توختىلىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرىدۇ؛ ئىسرائىلىيە، ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011-يىلدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ ئىران ھىمايىسىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە جايلىرىغا پات - پات ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر