فىرانسىيەدە قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن نەچچە ئونلىغان ئۆينىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى

فىرانسىيەنىڭ پاس-دې-كالىس ئۆلكىسىگە تەۋە بىخۇچۇرت يېزىسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن نەچچە ئونلىغان ئۆينىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى.

1896597
فىرانسىيەدە قۇيۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن نەچچە ئونلىغان ئۆينىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «Franceinfo» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بوران ۋە قۇيۇن ئاپىتى بىخۇچۇرت يېزىسىغا ئېغىر كۆرسەتكەن.

بىخۇچۇرت ھاكىمى بېنويت-ۋىنسېنت كەيل يېزىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەر ۋە چېركاۋلارنىڭ قىسمەن يىقىلغانلىقىنى، بەزى ئۆگزىلەرنىڭ ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە رايوندا ئېغىر زىيانلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ۋالىي مەھكىمىسى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كرىزىس بۆلۈمىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى.

فىرانسىيەنىڭ سوممې ئۆلكىسىدە بولسا، يامغۇر، مۆلدۈر ۋە كۈچلۈك شاماللار ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر