جو بايدېن 2024 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قايتا نامزات بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن 2024 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قايتا نامزات بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي قارارغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1896400
جو بايدېن 2024 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قايتا نامزات بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدېن دېلاۋار ئىشتاتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

جو بايدېن رىياسەتچىنىڭ 2024 - يىلدىكى سايلام پىلانىغا دائىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «مەن تېخى رەسمىي قارارىمنى بەرمىدىم. ئەمما مېنىڭ نىيىتىم قايتىدىن سايلامغا قاتنىشىشتۇر. بۇ قارارنى بېرىش ئۈچۈن ئالدىمىزدا كۆپ ۋاقىت بار» دېدى.

بايدېن 2024 - يىلدىكى سايلامدا قايتا نامزات بولىشىنى ئايالى جىل بايدېننىڭمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر مەن ھازىر سايلامغا نامزات بولىدىغانلىقىمنى جاكارلىسام، شۇ سائەتتىن ئېتىبارەن نامزاتقا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشىمغا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بايدېننىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا مۇگدەپ قېلىشلىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىززىق نۇقتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر