ئىران بوررېلنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران، ياۋروپا سىرتىدىكى دۇنيانى «يوشۇرۇن زوراۋان ئورمان» دەپ ئاتىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1894450
ئىران بوررېلنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناسىر كەنئانى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «باغ-ئورمان مېتافوراسى غەربنى تاجاۋۇز قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان مۇستەملىكىچىلىك روھىي ھالىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ... ئۇ دەۋر ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. كۆپ قۇتۇپلۇق ھالەت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى پاكىتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۈزلۈكسىز چېكىنىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، 13-ئۆكتەبىردىكى بىر قېتىملىق سۆزىدە، ياۋروپانىڭ بىر باغ، دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئورمان ئىكەنلىكىنى، ئورماننىڭ باغنى بېسىۋېلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان، ئۇنىڭ مەزكۇر سۆزلىرى ياۋروپانىڭ «يېڭى مۇستەملىكىچىلىك» ۋە «ئىرقچىلىق» ئىدىيەسىنىڭ ئەكس ئېتىشى دەپ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغانىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بوررېلنىڭ «ئىرقچى» باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈنۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ۋەكىلى ئېمىل پائۇلسېننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر