ياپونىيە چېگرا ئېغىزلىرىدا ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

ياپونىيە كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن چېگرا ئېغىزلىرىدا 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.

1891129
ياپونىيە چېگرا ئېغىزلىرىدا ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىئو ھۆكۈمىتى كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە يېڭى قارارلارنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 11 - ئۆكتەبىردە يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ دائىرىدە ھازىرقى كۈنىگە 50 مىڭ يولۇچى كىرىش چەكلىمىسى بىلەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ياپونىيەگە خۇسۇسىي ساياھەتكە بېرىش چەكلىمىسى بىكار قىلىندى.

ياپونىيەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىۋاتقان 70 كە يېقىن دۆلەتتىن چەتئەللىك ساياھەتچىلەر پىلانسىز ۋە ھەمراھسىز ھالدا ياپونىيەگە كىرەلەيدىغان بولدى.

ساياھەتتىن 72 سائەت بۇرۇن 3 قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكى ياكى كوۋىد- 19 سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھۆججىتى بولغانلار چېگرا ئېغىزىدا قايتىدىن كوۋىد-19 سىنىقى قىلىنمايدىغان ھەمدە كارانتىناغا ئېلىنمايدىغان بولدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقىلىشتىن ئىلگىرى 2019 - يىلى ياپونىيەنى تەخمىنەن 32 مىليون ساياھەتچى زىيارەت قىلغان ئىدى.

2020 - يىلىدا ياپونىيەگە بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 4 مىليون 100 مىڭغا، 2021 – يىلىدا بولسا، 240 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

كۈندىلىك يولۇچىلار چەكلىمىسىنى بۇ يىل ئاستا-ئاستا 10 مىڭ، 20 مىڭ ۋە 50 مىڭغىچە ئۆستۈرگەن ياپونىيەگە ئىيۇل ئېيىدا 8 مىڭ ۋە ئاۋغۇستتا 11 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر