نىگېرىيەدە پاراخوت چۆكۈپ كېتىش قازاسىدا ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى.

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئانامبرې ئۆلكىسىدە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن پاراخوت چۆكۈپ كېتىش قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 76 گە يەتتى.

1890517
نىگېرىيەدە پاراخوت چۆكۈپ كېتىش قازاسىدا ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بۇخارى، پاراخوت چۆكۈپ كېتىش پاجىئەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 76گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن چوڭ يول تاقىلىپ قالغان، شۇڭا، رايون ئاھالىسى پاراخوت بىلەن ساياھەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتقا 100 دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىغان بولۇپ، پاراخوت قوزغىلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، موتورىدىن كاشىلا چىققانلىقتىن چۆكۈپ كەتكەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە 15 كىشى پاجىئەدىن قۇتۇلۇپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر