رۇسىيەنىڭ زاپورىجيا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا يەنە 17 كىشى قازا قىلدى

رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان زاپورىجيا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا يەنە 17 كىشى قازا قىلدى.

1890284
رۇسىيەنىڭ زاپورىجيا شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا يەنە 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ زاپورىجيا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى قازا قىلىپ، يەنە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زاپورىجيا ۋاقىتلىق شەھەر باشلىقى ئاناتولى كۇرتېۋمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا پۇقرالارغا تەۋە بىر قىسىم ئۆيلەرنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاناتولى كۇرتېۋ ھۇجۇمدا ھازىرغىچە 17 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 6 - ئۆكتەبىردە زاپورىجيانىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر بىناغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە ھۇجۇمدا 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر