ئۇكرائىنا كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنى ياپونىيە زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلدى

ئۇكرائىنا پارلامېنتى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دەتالاش قىلىنىۋاتقان كۇرىل تاقىم ئاراللىرىدىن خابوماي ۋە شىكوتان ئارىلىنى ياپونىيە زېمىنى دەپ قوبۇل قىلدى.

1890125
ئۇكرائىنا كۇرىل تاقىم ئاراللىرىنى ياپونىيە زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پارلامېنتى بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامېنتنىڭ، توكيونىڭ، رۇسىيە ئۆز زېمىنى دەپ قاراۋاتقان ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلىنغان چاقىرىقنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، پارلامېنت باشلىقى رۇسلان ستېفانچۇك قاتارلىق بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىققا ئاساسەن تەييارلانغان قانۇن لايىھەسىنى قوللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «مەزكۇر قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى (سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى) نىڭ  1945 – يىلى ئاۋغۇست – سېنتەبىر  ئايلىرىدا ياپونىيەنىڭ شىمالىي زېمىنلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئىگىلىۋېلىپ، 1949 - يىلىغىچە بارلىق ياپون پۇقرالىرىنى بۇ رايونلاردىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقى» قەيت قىلىندى.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيەنىڭ 1956 – يىلى 19 – ئۆكتەبىردىكى بىرلەشمە شەرتنامىسىنىڭ 9 – ماددىسىغا ئاساسەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇپ، تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىشىدىن كېيىن، خابوماي ۋە شىكوتان ئارىلىنىڭ ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ياپونىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش نىيىتىنى جەزملەشتۈرگەن بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەت ياپونىيەنىڭ شىمالىي تېررىتورىيەسىنىڭ سالاھىيىتىنى قانۇنىي جەھەتتىن رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر