زېلېنىسكىي پۇتىن بىلەن ئۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىغا دائىر قارارنامەنى ئىمزالىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى قارارنامەنى ئىمزالىدى.

1888383
زېلېنىسكىي پۇتىن بىلەن ئۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىغا دائىر قارارنامەنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى قارارنامەنى ئىمزالىدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، زېلېنسكىينىڭ ئالاقىدار قارارغا ئىمزا قويۇشى بىلەن،  ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 30-سېنتەبىر تەييارلىغان «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىر ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنامە»نىڭ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قارارنامەنىڭ بىرىنچى پاراگرافىدا، «رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدىن چېكىندۈرۈلۈشى ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاش، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرىنى تارمار قىلىش، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى كۈچەيتىش، ئارمىيەنى تېخىمۇ كۆپ مەشىقلەندۈرۈش، مۇداپىئە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇداپىئە قۇدرىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنامەدە: «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى، ئۇكرائىنا پارلامېنتى (ۋېرخوۋنا رادا) باشلىقى ۋە ئۇكرائىنا باش مىنىستىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش بىرلەشمە ئىلتىماسى تەستىقلىنىشى كېرەك» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر