رېزنىكوف: «رۇسىيە دۇنيانىڭ ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئىگە سەپسەتىسى»نى بىتچىت قىلدۇق

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوف، دۆلىتىنىڭ «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيەسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سەپسەتى»نى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1886275
رېزنىكوف: «رۇسىيە دۇنيانىڭ ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيەسىگە ئىگە سەپسەتىسى»نى بىتچىت قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولېكسىي رېزنىكوف ياۋروپا سىياسەت ئانالىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئىتتىپاق ئاچالدا» ناملىق يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە قاتنىشىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن «ئەركىنلىك جەڭچىسى مۇكاپاتى»نى تاپشۇرۇپ ئالدى ھەمدە يىغىندا سۆز قىلىپ: «ئۆتكەن يىلى قىشتا، نۇرغۇنلىغان ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر كىيېۋنىڭ ئۈچ كۈندە قولدىن كېتىدىغانلىقىغا، پۈتكۈل ئۇكرائىنانىڭ ئىككى ھەپتە ئىچىدە گۇمران بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى. بىز 200 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان كۈچلۈك شەكىلدە بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. غەربنىڭ ياردىمى بىلەن، ئارمىيەمىز رۇس ئارمىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ئىككىنچى كۈچلۈك ئارمىيەسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سەپسەتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى» دېدى ھەمدە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قېچىشقا باشلىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنانىڭ ھەرگىز تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇكرائىنالىق مىنىستىر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز خەلقىمىزگە قارشى يېڭى بىر بېسىمغا  قەتئىي يول قويمايمىز. ئۇكرائىنا خەلقى قولىدىكى قوراللار بىلەن ھەقىقىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ بىز ئۈچۈن ئەمەس، ئەركىن دۇنيانىڭ نېگىزلىك قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان بىر ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى دېڭىز قاراقچىلىرى قۇرامدۇ ياكى دېموكراتىك دۆلەتلەر قۇرۇپ چىقامدۇ؟ مەسىلىسىنى بەلگىلەيدىغان ئۇرۇشتۇر.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يېڭى بىر دۇنياۋى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق بارلىق ئورگانلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. دۇنيانىڭ يېڭى قائىدىلىرىنى كىمنىڭ يازىدىغانلىقىغا بۇ ئۇرۇش قارار قىلىدۇ. ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە قائىدە – تۈزۈملەرگە ئاساسەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھىمايە قىلىنىدىغان، تېررورلۇق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا ئورۇن يوق بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشى شەرت» دېدى.

مىنىستىر رېزنىكوف، ئۇكرائىنانىڭ جەڭ قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەمما بىز قورالغا موھتاج. بۇ قوراللار ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي چېگراسىنى مۇستەھكەملەشكىمۇ پايدىلىق» دېدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر