كېنىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

كېنىيەدە بىر قوراللىق شايكا ئەزالىرى تۇركانا رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، سەككىز نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 11 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1884540
كېنىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى برۇنو شىيوسوس، قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ تۈركانا رايونىدا ۋەقە پەيدا قىلىپ، سەككىز نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 11 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان شايكا ئەزالىرىغا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر