فىرانسىيەدە سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خادىملىرى ئىش تاشلىدى

فىرانسىيەدە سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خادىملىرى مەملىكەت مىقياسىدا ئىش تاشلاپ، خادىم ۋە مەبلەغنىڭ كەمچىللىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يۇقىرى مائاش تەلەپ قىلدى.

1883644
فىرانسىيەدە سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خادىملىرى ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى (CGT) نىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئىش تاشلىغان سەھىيە، ئىجتىمائىي ۋە ئاممىۋى-داۋالاش ساھەسىنىڭ خىزمەتچى – خادىملىرى، ئوخشىمىغان شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزدى.

پايتەخت پارىژدا يۈزلىگەن نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا يىغىلىپ، خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ۋە ساھەلىرىدىكى خادىم ۋە مالىيەنىڭ كەمچىللىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ جەھەتتە ياخشىلىنىش قەدەملىرىنىڭ تاشلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشچىلار يەنە، نۆۋەتتە سەھىيە، ئىجتىمائىي ۋە ئاممىۋى-داۋالاش ساھەلىرىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «سېگۇر» ناملىق 183 ياۋرولۇق ئايلىق مۇكاپاتنىڭ بارلىق خىزمەتچىلەر ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر