مېكسىكادا 6.8 بال يەر تەۋرىدى
مېكسىكانىڭ مىچوكان ئۆلكىسىدە 6.8 بال يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.
1883203
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئىدارىسى (USGS) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىچوكان ئۆلكىسىدە، تەخمىنەن 24.1 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا 6.8 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.
ئۆلكە دائىرىلىرى، يەر تەۋرەشنىڭ پۈتۈن ئۆلكىدە ھېس قىلىنغانلىقىنى، ئەمما يەر تەۋرەشنىڭ تالاپەت يەتكۈزۈپ يەتكۈزمىگەنلىكى ھەققىدە تېخىچە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.